سۈرە 70 · پارە 29
سورة المعارج · 70:13
وَفَصِيلَتِهِ الَّتِي تُؤْوِيهِ
(ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم - قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ
تەپسىر
ھەر ئىنسان يېقىن تۇغقىنىنى ئوپئوچۇق كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇ ۋاقىت ھەم جاينىڭ قورقۇنچىدىن بىر - بىرىدىن ھال سورالمايدۇ. دوزاخقا تېگىشلىك بولغانلار ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئازابلىنىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى، ئۆزى مەنسۇپ بولغان ھەمدە مۈشكۈل پەيتلەردە ئۆزى بىلەن بىر سەپتە تۇرغان قەۋم قېرىنداشلىرىنى، ھەتتا يەر يۈزدىكى ئىنسان، جىن ۋە باشقا پۈتۈن مەۋجۇداتنى پىدا قىلىش بەدىلىگە بولسىمۇ دوزاخ ئازابىدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ