سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:77
فَعَقَرُوا النَّاقَةَ وَعَتَوْا عَنْ أَمْرِ رَبِّهِمْ وَقَالُوا يَا صَالِحُ ائْتِنَا بِمَا تَعِدُنَا إِنْ كُنْتَ مِنَ الْمُرْسَلِينَ
ئۇلار چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى تۇتۇشتىن باش تارتتى ۋە ئى سالىھ: «راستتىنلا پەيغەمبەرلەردىن بولساڭ، بىزگە ۋەدە قىلغان ئازابنى كەلتۈرۈپ باق» دېدى
تەپسىر
ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ ئاللاھ ھەتتا ئەزىيەت بېرىشنىمۇ چەكلىگەن تۆگىنى بوغۇزلىدى ھەمدە سالىھ ئۇلارنى تەھدىت قىلغان ئازابنى يىراق ساناپ مەسخىرە قىلغان ھالدا: ئەي سالىھ، ئەگەر سەن ئاللاھنىڭ راست پەيغەمبەرلىرىدىن بولساڭ بىزگە ۋەدە قىلغان دەرتلىك ئازابنى كەلتۈرۈپ باققىن، دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ