سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:203
وَإِذَا لَمْ تَأْتِهِمْ بِآيَةٍ قَالُوا لَوْلَا اجْتَبَيْتَهَا ۚ قُلْ إِنَّمَا أَتَّبِعُ مَا يُوحَىٰ إِلَيَّ مِنْ رَبِّي ۚ هَٰذَا بَصَائِرُ مِنْ رَبِّكُمْ وَهُدًى وَرَحْمَةٌ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
(ئۇلار تەلەپ) قىلغان مۆجىزىلەردىن) بىرەر مۆجىزىنى كەلتۈرمىسەڭ، ئۇنى نېمىشقا (ئۆزۈڭ) ئىجاد قىلمىدىڭ؟ دېيىشىدۇ، (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا ئېيتقىنكى، «(ئىش مېنىڭ ئىلكىمدە ئەمەس) مەن پەقەت پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن ماڭا ۋەھيى قىلىنغانغىلا ئەمەل قىلىمەن (ئۆزلىكىمدىن مۆجىزە يارىتالمايمەن)، بۇ (قۇرئاندا سىلەرگە) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن كەلتۈرۈلگەن دەلىللەردۇر (قۇرئان باشقا مۆجىزىلەرگە ئېھتىياج قالدۇرمايدۇ)، ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر»
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر سەن بىرەر مۆجىزە ئېلىپ كەلسەڭ ئۇلار سېنى ئىنكار قىلىپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، ئەگەر سەن ئۇلارغا مۆجىزە ئېلىپ كەلمىسەڭ، نېمىشقا ئۆزەڭ بىر مۆجىزە ئىجات قىلمىدىڭ، دەيدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: مەن ئۆزۈم بىر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيمەن، مەن پەقەت ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىگىلا ئەگىشىمەن، مەن سىلەرگە ئوقۇپ بېرىۋاتقان بۇ قۇرئان ياراتقۇچىڭلار ۋە ئىشلىرىڭلارنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھۆججەت ۋە پاكىتتۇر. ئاللاھنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىگە رەھمەت ۋە يىتەكچىدۇر، ئەمما مۇئمىن ئەمەسلەر بەخىتسىز ۋە ئازغۇنلاردۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ