سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:201

إِنَّ الَّذِينَ اتَّقَوْا إِذَا مَسَّهُمْ طَائِفٌ مِنَ الشَّيْطَانِ تَذَكَّرُوا فَإِذَا هُمْ مُبْصِرُونَ

تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا، اﷲ نى ئەسلەيدۇ - دە، ھەقىقەتنى كۆرۈۋېلىپ، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) خالاس تاپىدۇ

تەپسىر

ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغان كىشىلەرگە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى يېتىپ گۇناھكار بولۇپ قالسا، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى، ئاسىيلارنى جازالايدىغانلىقى ۋە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئەسلەيدۇ-دە گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلىدۇ، پەرۋەردىگارى تەرىپىگە قايتىدۇ، ئاندىن ئۇلار ھەقىقەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرىدۇ، گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن ئويغىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن يانىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ