سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:185
أَوَلَمْ يَنْظُرُوا فِي مَلَكُوتِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا خَلَقَ اللَّهُ مِنْ شَيْءٍ وَأَنْ عَسَىٰ أَنْ يَكُونَ قَدِ اقْتَرَبَ أَجَلُهُمْ ۖ فَبِأَيِّ حَدِيثٍ بَعْدَهُ يُؤْمِنُونَ
ئۇلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ سەلتەنىتى ئۈستىدە، اﷲ نىڭ ياراتقان مەخلۇقاتلىرى، ئۆزلىرىنىڭ ئەجىلى يېقىنلىشىدىغانلىقىنىڭ مۇمكىنلىكى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئۇلار (كالامۇللاھ ئىكەنلىكى شۇنچە روشەن بولغان) قۇرئاندىن باشقا يەنە قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟
تەپسىر
ئۇلار ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى ئاللاھنىڭ مۈلكىگە، ئاللاھ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ياراتقان ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مەخلۇقاتلارغا، تۈگەشكە ئاز قالغان ئۆمۈرلىرىگە قاراپ ۋاقىت قولدىن كىتىپ قېلىشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلمامدۇ؟، ئەگەر ئۇلار قۇرئانغا ۋە قۇرئاننىڭ ئىچىدىكى ۋەدە ۋە ئاگاھلاندۇرۇشقا ئىمان ئېيتمىىسا ئۇلار قۇرئاندىن باشقا قايسى كىتابقا ئىشىنىدۇ؟!.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ