سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:183

وَأُمْلِي لَهُمْ ۚ إِنَّ كَيْدِي مَتِينٌ

ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن مېنىڭ ئازابىم ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر

تەپسىر

مەن ئۇلارنى جازالاشنى كېچىكتۈرىمەن، ھەتتاكى ئۇلار جازالانمايمىز دەپ ئويلاپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق كۇپۇرلۇقنى داۋاملاشتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازاب ئېغىرلىشىدۇ. مېنىڭ تەدبىرىم ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، مەن ئۇلارغا ئېھسان قىلغاندەك كۆرۈنۈپ ئۇلارنى جازالايمەن.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ