سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:169

فَخَلَفَ مِنْ بَعْدِهِمْ خَلْفٌ وَرِثُوا الْكِتَابَ يَأْخُذُونَ عَرَضَ هَٰذَا الْأَدْنَىٰ وَيَقُولُونَ سَيُغْفَرُ لَنَا وَإِنْ يَأْتِهِمْ عَرَضٌ مِثْلُهُ يَأْخُذُوهُ ۚ أَلَمْ يُؤْخَذْ عَلَيْهِمْ مِيثَاقُ الْكِتَابِ أَنْ لَا يَقُولُوا عَلَى اللَّهِ إِلَّا الْحَقَّ وَدَرَسُوا مَا فِيهِ ۗ وَالدَّارُ الْآخِرَةُ خَيْرٌ لِلَّذِينَ يَتَّقُونَ ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ

ئۇلاردىن كېيىن، (يامان) ئەۋلادلار تەۋراتقا ۋارىسلىق قىلدى، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ ئەرزىمەس پۇل - مېلىنى (ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىماي، قارىقويۇق) ئالىدۇ، ۋە بىزنى اﷲ ئەپۇ قىلىدۇ، دەيدۇ. شۇنداق پۇل - مال ئۇلارنىڭ قولىغا كەلسە، ئۇلار يەنە ئالىدۇ. كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) اﷲ قا (يالغان چاپلىماي) پەقەت ھەقنىلا ئېيتىشلىرى توغرۇلۇق ئۇلاردىن چىڭ ۋەدە ئېلىنمىدىمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلار تەۋراتتىكى نەرسىلەرنى ئوقۇغان ئىدى. ھارامنى تەرك ئېتىپ، اﷲ تىن قورقىدىغانلارغا ئاخىرەت ياخشىدۇر، بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟

تەپسىر

ئۇلاردىن كېيىن ئۇلارغا ۋارىسلىق قىلغان يامان ئەۋلادلار كېلىپ ئىلگىرىكىلەردىن تەۋراتنى ئالدى، ئۇلار تەۋراتنى ئوقۇيتتى، تەۋراتنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلارغا ئەمەل قىلمايتتى. ئۇلار ئازراق مال-دۇنيانىڭ بەدىلىگە ئاللاھنىڭ كىتابىنى بۇرمىلاش، ئاللاھ نازىل قىلغىنىدىن باشقا چۈشەنچە بىلەن ھۆكۈم قىلىشتىن ئىبارەت ئېغىر جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇغلۇق، ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئەگەر ئۇلارغا دۇنيانىڭ ئەرزىمەس مال-مۈلۈكلىرى كەلسە، ئۇلار ئۇنى ئارقىمۇ-ئارقا ئالاتتى. ئاللاھ ئۇلاردىن ۋەھيىنى بۇرمىلىماستىن ۋە ئۆزگەرتمەستىن پەقەت ھەقىقەتنىلا سۆزلىشىگە ئەھدە ئالمىدىمۇ؟!. ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئەمەل قىلىشنى تەرك ئېتىشى بېلىمسىزلىكتىن ئەمەس بەلكى ئۇ بىلىپ تۇرۇپ تەرك ئېتىش ئىدى. ئۇلار كىتابنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇغان ۋە بىلگەن ئىدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ گۇناھى ئېغىرراق بولىدۇ. ئاخىرەت ۋە ئۇنىڭدىكى ئۈزۈلمەس نېئمەت ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن يوقاپ كېتىدىغان مال-دۇنيادىن ياخشىراقتۇر. ئۇلار ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ تەقۋادارلارغا تەييارلىغان نەرسىسىنىڭ ياخشى ۋە مەڭگۈلۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەمدۇ!؟.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ