سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:167

وَإِذْ تَأَذَّنَ رَبُّكَ لَيَبْعَثَنَّ عَلَيْهِمْ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ مَنْ يَسُومُهُمْ سُوءَ الْعَذَابِ ۗ إِنَّ رَبَّكَ لَسَرِيعُ الْعِقَابِ ۖ وَإِنَّهُ لَغَفُورٌ رَحِيمٌ

(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا (يەنى يەھۇدىيلارغا) قىيامەتكىچە چوقۇم قاتتىق ئازابلايدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە تېز جازالىغۇچىدۇر، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر

تەپسىر

ئەي پەيغەمبەر! بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ يەھۇدىيلارغا ھاياتى دۇنيادا قىيامەت كۈنىگىچە ئۇلارنى ئازابلايدىغان ۋە خارلايدىغان كىشىلەرنى چوقۇم باشلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. ئى پەيغەمبەر! شۈبھىسىزكى پەرۋەردىگارىڭ ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ئەلۋەتتە تىز جازالىغۇچىدۇر، ھەتتا ئۇلار دۇنيادا جازالىنىشى مۇمكىن، بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ