سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:163

وَاسْأَلْهُمْ عَنِ الْقَرْيَةِ الَّتِي كَانَتْ حَاضِرَةَ الْبَحْرِ إِذْ يَعْدُونَ فِي السَّبْتِ إِذْ تَأْتِيهِمْ حِيتَانُهُمْ يَوْمَ سَبْتِهِمْ شُرَّعًا وَيَوْمَ لَا يَسْبِتُونَ ۙ لَا تَأْتِيهِمْ ۚ كَذَٰلِكَ نَبْلُوهُمْ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ

ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) دىن دېڭىز (يەنى قۇلزۇم دېڭىزى) بويىدىكى (ئەيلە) شەھرىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. (ئۇنىڭ ئاھالىسى بېلىق تۇتۇش چەكلەنگەن كۈن) شەنبىدە اﷲ نىڭ چەكلىمىسىدىن چىقاتتى. چۈنكى شەنبە كۈنى بېلىقلار سۇ ئۈستىدىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلەتتى، شەنبىدىن غەيرىي كۈنلەردە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلمەيتتى، پاسىق بولغانلىقلىرى ئۈچۈن. ئۇلارنى مۇشۇنداق سىنايمىز

تەپسىر

ئەي پەيغەمبەر! يەھۇدىيلاردىن دېڭىز بويىدىكى شەھەرنىڭ قىسسىسى ھەققىدە ئۇلارغا ئەسلىتىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئىلگىرىكىلەرنى قانداق جازالىغانلىقىنى سورىغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار شەنبە كۈنىدە بېلىق تۇتۇشتىن چەكلەنگەندىن كېيىن بېلىق تۇتۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىدىن ھالقىدى. شۇنداقلا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى شەنبە كۈنىدە دېڭىز يۈزىگە بېلىقلارنى ئاشكارا كەلتۈرۈش ئارقىلىق سىنىدى. بېلىقلار باشقا كۈندە كەلمەيتتى. ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقى ۋە گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكى سەۋەبلىك ئۇلارنى سىنىدى. ئۇلار بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن ئورەك كولاپ ئۇ يەرگە تورلىرىنى تاشلاپ ھىيلە ئىشلەتتى. شەنبە كۈنىدە بېلىقلار تورغا كېلەتتى، ئۇلار تورنى يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېلىقلارنى يەيتتى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ