سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:123

قَالَ فِرْعَوْنُ آمَنْتُمْ بِهِ قَبْلَ أَنْ آذَنَ لَكُمْ ۖ إِنَّ هَٰذَا لَمَكْرٌ مَكَرْتُمُوهُ فِي الْمَدِينَةِ لِتُخْرِجُوا مِنْهَا أَهْلَهَا ۖ فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ

پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەر مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ شەھەر (يەنى مىسىر) دىكى چېغىڭلاردا ئاھالىنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن (مۇسا بىلەن بىرلىشىپ) ئالدىن پىلانلىغان ھىيلەڭلاردۇر (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر

تەپسىر

سېھرىگەرلەر بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىدىن كېيىن پىرئەۋن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: سىلەر مەن رۇخسەت قىلىشتىن ئىلگىرى مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، سىلەرنىڭ مۇسا ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرگە ئىيمان ئېيتىشىڭلار شەھەر ئاھالىسىنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن مۇسا بىلەن بىرلىشىپ پىلانلىغان ھىيلەڭلاردۇر. ئى سېھرىگەرلەر! سىلەر ئۆزۈڭلارغا چۈشىدىغان ئازاب ۋە دۇچار بولىدىغان جازانى ئۇزاققا قالماي بېلىسىلەر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ