سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:116
قَالَ أَلْقُوا ۖ فَلَمَّا أَلْقَوْا سَحَرُوا أَعْيُنَ النَّاسِ وَاسْتَرْهَبُوهُمْ وَجَاءُوا بِسِحْرٍ عَظِيمٍ
مۇسا: «سىلەر تاشلاڭلار!» دېدى. ئۇلار ھاسا، ئارغامچىلارنى تاشلاپ كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى، ئۇلارنى (يەنى كىشىلەرنى) قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى، ئۇلار (كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىگە) چوڭ (كۆرۈنىدىغان) سېھىرنى كۆرسەتتى
تەپسىر
مۇسا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماستىن پەرۋەردىگارىنىڭ نۇسرەت ئاتا قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھالدا ئۇلارغا: ئارغامچا ۋە ھاسىلىرىڭلارنى سىلەر تاشلاڭلار، دەپ جاۋاپ بەردى. ئۇلار ھاسا ۋە ئارغامچىلىرىنى تاشلاپ ئۇنى توغرا ھالەتتە بېلىشتىن كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى ۋە ئۇلارنى قورقۇتىۋەتتى، ئۇلار كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىگە چوڭ كۆرۈنىدىغان سېھىرنى كۆرسەتتى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ