سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:11
وَلَقَدْ خَلَقْنَاكُمْ ثُمَّ صَوَّرْنَاكُمْ ثُمَّ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ لَمْ يَكُنْ مِنَ السَّاجِدِينَ
شۈبھىسىزكى بىز سىلەرنى ياراتتۇق، ئاندىن سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدۇق، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: “سىلەر ئادەمگە (ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن) سەجدە قىلىڭلار›› دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى. ئۇ سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولمىدى
تەپسىر
ئەي ئىنسانلار! شۈبھىسىزكى بىز ئاتاڭلار ئادەمنى ياراتتۇق، ئاندىن ئۇنى ئەڭ گۈزەل قىياپەت ۋە ئەڭ مۇكەممەل قامەتكە كىرگۈزدۇق، ئاندىن كېيىن پەرىشتىلەرنى ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئادەمگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئۇلاردىن ئىبلىستىن باشقىسى بۇيرۇقنى بەجا كەلتۈرۈپ، سەجدە قىلدى، ئەمما ئىبلىس تەكەببۇرلۇق ۋە قارشىلىق قىلىپ سەجدە قىلغىلى ئۇنىمىدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ