سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:105
حَقِيقٌ عَلَىٰ أَنْ لَا أَقُولَ عَلَى اللَّهِ إِلَّا الْحَقَّ ۚ قَدْ جِئْتُكُمْ بِبَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ فَأَرْسِلْ مَعِيَ بَنِي إِسْرَائِيلَ
اﷲ نامىدىن پەقەت ھەقىقەتتىن باشقىنى ئېيتماسلىققا لايىقمەن، راستتىنلا پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن قويۇپ بەرگىن (مەن بىلەن بىللە ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ۋەتىنى مۇقەددەس زېمىنغا بارسۇن)»
تەپسىر
مۇسا ئېيتتى: مەن ئاللاھ تەرىپىدىن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن چاغدا ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقىقەتتىن باشقىنى ئېيتماسلىققا لايىقمەن، مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن راستچىللىقىمنى ۋە پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان روشەن مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بىلەن بىرگە ئىسرائىل ئەۋلادىنى ۋە ئۇلاردىن ئىلىنغان ئەسىرلەرنى قويۇپ بەرگىن.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ