سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:103

ثُمَّ بَعَثْنَا مِنْ بَعْدِهِمْ مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ فَظَلَمُوا بِهَا ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُفْسِدِينَ

مەزكۇز پەيغەمبەرلەردىن كېيىن، مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، (مىسىرنىڭ مۇسا زامانىدىكى پادىشاھى) پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار بۇ مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن

تەپسىر

ئاندىن بىز مەزكۇر پەيغەمبەرلەردىن كېيىن مۇسانى راستچىللىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان روشەن دەلىل پاكىتلىرىمىز بىلەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇلار ئۇ مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنىڭغا كاپىر بولدى. ئى پەيغەمبەر! پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنى سۇغا غەرق قىلدى ۋە ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە لەنەتكە دۇچار قىلدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ