سۈرە 68 · پارە 29
سورة القلم · 68:48
فَاصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ وَلَا تَكُنْ كَصَاحِبِ الْحُوتِ إِذْ نَادَىٰ وَهُوَ مَكْظُومٌ
پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، (ئالدىراڭغۇلۇقتا، زېرىككەكلىكتە) بېلىقنىڭ ساھىبىگە (يەنى يۇنۇسقا) ئوخشاش بولمىغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ) غەمكىن ھالدا پەرۋەردىگارىغا ئىلتىجا قىلدى
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارنى تۇيدۇرماي جازالىشىدىن ئىبارەت ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن. ئۆز قەۋمىدىن زېرىكىپ قېلىشتا بېلىق ساھىبى يۇنۇس ئەلەيھىسسالامدەك بولمىغىن. ئۆز ۋاقتىدا يۇنۇس دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقى ۋە بېلىق قارنىنىڭ قاراڭغۇلىقىدا غەمكىن ھالدا پەرۋەردىگارىغا ئىلتىجا قىلدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ