سۈرە 68 · پارە 29
سورة القلم · 68:46
أَمْ تَسْأَلُهُمْ أَجْرًا فَهُمْ مِنْ مَغْرَمٍ مُثْقَلُونَ
ياكى ئۇلاردىن (دىنغا دەۋەت قىلغانلىقىڭغا) ھەق سوراپ، ئۇلارنىڭ (ئىقتىسادىي) يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتىڭمۇ؟
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغىنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن ھەق بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتامسەن؟ ئۇلار مۇشۇ سەۋەبلىك جاپادا قېلىۋاتامدۇ؟ ئاندىن ئۇلارنىڭ سەندىن يۈز ئۆرۈشىنىڭ سەۋەبى مۇشۇمۇ؟ ئەمەلىيەت بۇنىڭ دەل ئەكسىچىدۇر. يەنى سەن ئۇلاردىن ھەق تەلەپ قىلغىنىڭ يوق. ئۇنداقتا، ئۇلارنى ساڭا ئەگىشىشتىن توسۇپ قالغان نەرسە زادى نېمە؟
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ