سۈرە 68 · پارە 29
سورة القلم · 68:43
خَاشِعَةً أَبْصَارُهُمْ تَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ ۖ وَقَدْ كَانُوا يُدْعَوْنَ إِلَى السُّجُودِ وَهُمْ سَالِمُونَ
ئۇلار (قورقۇنچتىن) تىكىلىپ قارىيالمايدۇ، ئۇلارغا خارلىق يۈزلىنىدۇ، ئۇلار (دۇنيادا) ساغلام چاغلىرىدا سەجدىگە دەۋەت قىلىنغان ئىدى (ئۇلار سەجدىدىن باش تارتاتتى)
تەپسىر
ئۇلارنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ، ۋۇجۇدىنى ھەسرەت - نادامەت چىرمىۋالىدۇ. ئۇلاردىن دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدىمۇ ئاللاھقا سەجدە قىلىش تەلەپ قىلىنغان ئىدى. ھالبۇكى ئۇلار ئۇ چاغدا بۈگۈنكىدىنمۇ ساغلام ئىدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ