سۈرە 68 · پارە 29
سورة القلم · 68:17
إِنَّا بَلَوْنَاهُمْ كَمَا بَلَوْنَا أَصْحَابَ الْجَنَّةِ إِذْ أَقْسَمُوا لَيَصْرِمُنَّهَا مُصْبِحِينَ
شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى (يەنى مەككە ئاھالىسىنى) مەلۇم باغنىڭ ئىگىلىرىنى سىنىغاندەك (قەھەتچىلىك، ئاچارچىلىققا دۇچار قىلىش بىلەن) سىنىدۇق. ئۇلار (يەنى باغنىڭ ئىگىلىرى) ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى (كەمبەغەللەر ئۇقمىسۇن، ئۇلارغا ھېچ نەرسە بەرمەيلى دېيىشىپ) سەھەردىلا ئۈزۈۋېلىشقا قەسەم ئىچىشكەن ئىدى
تەپسىر
ھەقىقەتەن بىز (ئىلگىرىكى زاماندا) باغ ئىگىلىرىنى سىنىغاندەك، بۇ مۇشرىكلارنىمۇ قەھەتچىلىك ۋە ئاچارچىلىق بىلەن سىنىدۇق. ئەينى چاغدا مەزكۇر باغ ئىگىلىرى يوقسۇللارنىڭ يەۋالماسلىقى ئۈچۈن تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئالدىراپ مېۋىلىرىنى ئۈزۈۋېلىشقا قەسەم قىلىشقان ئىدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ