سۈرە 65 · پارە 28

سورة الطلاق · 65:2

فَإِذَا بَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمْسِكُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ أَوْ فَارِقُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ وَأَشْهِدُوا ذَوَيْ عَدْلٍ مِنْكُمْ وَأَقِيمُوا الشَّهَادَةَ لِلَّهِ ۚ ذَٰلِكُمْ يُوعَظُ بِهِ مَنْ كَانَ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۚ وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مَخْرَجًا

ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان چاغدا، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يېنىشىڭلار ياكى ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە ئۈزلىشىپ كېتىڭلار، (يېنىشقان، ئاجراشقان چېغىڭلاردا) ئاراڭلاردىن ئىككى ئادىل گۇۋاھچىنى گۇۋاھ قىلىڭلار، خۇدالىق ئۈچۈن (توغرا) گۇۋاھ بولۇڭلار، بۇنىڭ بىلەن (يەنى بۇ ھۆكۈم بىلەن) اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشىگە ۋەز - نەسىھەت قىلىنىدۇ، كىمكى اﷲ تىن قورقىدىكەن، اﷲ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ

تەپسىر

ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشۇشقا يېقىنلاشقاندا ئۇلارغا قىزىقىپ، چىرايلىقچە ئۆي تۇتۇپ قېلىش مەقسىتىدە ئۇلار بىلەن يارىشىۋالساڭلارمۇ ياكى ئۇلار بىلەن يارىشىۋالماي ئىددىتى توشقانغا قەدەر ئۇلارغا تېگىشلىك ئىددەت ھەققىنى بېرىپ، ئۇلارنى ئۆز ھالىغا قويساڭلارمۇ بولىدۇ. مەيلى ئۇلار بىلەن يارىشىۋېلىڭلار ياكى ئايرىلىپ كېتىڭلار، كېيىن ئاراڭلاردا دەتالاش چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئاراڭلاردىن ئىككى نەپەر ئادىل كىشىنى گۇۋاھچى قىلىپ قويۇڭلار. ئەي گۇۋاھچىلار! سىلەرمۇ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ گۇۋاھچى بولۇڭلار. مەزكۇر ھۆكۈملەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سېلىنىدۇ. چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ئەسلىتىش ۋە پەند - نەسىھەتتىن مەنپەئەتلىنەلەيدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۇ چۈشۈپ قالغان ھەر قانداق قىيىن ئەھۋالدىن چىقىش يولى بېرىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ