سۈرە 6 · پارە 7

سورة الأنعام · 6:92

وَهَٰذَا كِتَابٌ أَنْزَلْنَاهُ مُبَارَكٌ مُصَدِّقُ الَّذِي بَيْنَ يَدَيْهِ وَلِتُنْذِرَ أُمَّ الْقُرَىٰ وَمَنْ حَوْلَهَا ۚ وَالَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ يُؤْمِنُونَ بِهِ ۖ وَهُمْ عَلَىٰ صَلَاتِهِمْ يُحَافِظُونَ

بۇ (قۇرئان) مەككە ئاھالىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن بىز نازىل قىلغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان (تەۋرات ۋە ئىنجىلغا ئوخشاش) كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى مۇبارەك كىتابتۇر، ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىدىغانلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، ئۇلار نامازلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىدۇ

تەپسىر

ئەي پەيغەمبەر! بۇ قۇرئان بىز ساڭا نازىل قىلغان كىتابتۇر. بۇ شۇنداق مۇبارەك بىر كىتابتۇركى، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ساماۋىي كىتابلارنى تەستىقلىغۇچىدۇر. (بۇ كىتابنىڭ ساڭا نازىل قىلىنىشى) ئۇنىڭ بىلەن مەككىلىكلەرنىڭ، شۇنداقلا زېمىننىڭ مەشرىق ۋە مەغرىبلىرىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ توغرا يولنى تېپىۋېلىشىنى مەقسەت قىلىپ ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈندۇر. ئاخىرەتكە ئىشىنىدىغانلار مۇشۇ قۇرئانغىمۇ ئىشىنىدۇ، قۇرئاننىڭ ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىدۇ، نامازلىرىنى شەرىئەتتە بېكىتىلگەن ۋاقىتتا تەئدىل-ئەركانلىرى، پەرزلىرى ۋە مۇستەھەبلىرىگە قەدەر تولۇق ئادا قىلىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ