سۈرە 6 · پارە 7
سورة الأنعام · 6:90
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ هَدَى اللَّهُ ۖ فَبِهُدَاهُمُ اقْتَدِهْ ۗ قُلْ لَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ أَجْرًا ۖ إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرَىٰ لِلْعَالَمِينَ
ئەنە شۇلار (يەنى مەزكۇر پەيغەمبەرلەر) اﷲ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، قۇرئان پەقەت پۈتۈن جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر»
تەپسىر
ئاشۇ پەيغەمبەرلەر ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى، پەرزەنتلىرى ۋە قېرىنداشلىرىدىن شۇلار بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئېلىنغانلار ھەقىقىي توغرا يولدىكى كىشىلەر بولۇپ، سەنمۇ شۇلارغا ئەگىشىپ، شۇلارنى ئۈلگە قىلغىن. ئەي پەيغەمبەر! قەۋمىڭگە ئېيتقىنكى، مەن بۇ قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىمغا قارىتا سىلەردىن مۇكاپات كۈتمەيمەن. چۈنكى بۇ قۇرئان ئىنسانلار ۋە جىنلاردىن ئىبارەت پۈتكۈل ئەھلى جاھانغا پەند-نەسىھەتتۇركى، ئۇلار بۇ ئارقىلىق توغرا ۋە ساغلام يولنى تېپىۋالسۇن.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ