سۈرە 6 · پارە 7

سورة الأنعام · 6:9

وَلَوْ جَعَلْنَاهُ مَلَكًا لَجَعَلْنَاهُ رَجُلًا وَلَلَبَسْنَا عَلَيْهِمْ مَا يَلْبِسُونَ

بىز پەيغەمبەرنى پەرىشتىدىن قىلغان تەقدىردىمۇ، ئەلۋەتتە، ئۇنى ئىنسان شەكلىدە قىلاتتۇق، ئۇلارنى يەنە شۈبھىگە چۈشۈرەتتۇق (يەنى ئۇلار پەرىشتىنى ئىنسان شەكلىدە كۆرگەندە: «بۇ ئىنسان، ئەمما پەرىشتە ئەمەس» دەيتتى)

تەپسىر

بىز ئۇلارغا ئەۋەتىلىدىغان پەيغەمبەرنى پەرىشتىدىن قىلغان تەقدىردىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىش ئىمكانىيىتى بولسۇن ئۈچۈن ئۇنى يەنىلا ئىنسان قىياپىتىدە قىلغان بولاتتۇق. چۈنكى ئۇلار پەرىشتىنى ئاللاھ ياراتقان شەكىلدە كۆرۈشكە قادىر بولالمايدۇ. ئەگەر بىز ئۇنى بىر ئىنسان قىياپىتىدە قىلغان تەقدىردە، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئۇنىڭ ئەھۋالى گۇمانلىق بوپقالاتتى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ