سۈرە 6 · پارە 7
سورة الأنعام · 6:68
وَإِذَا رَأَيْتَ الَّذِينَ يَخُوضُونَ فِي آيَاتِنَا فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ حَتَّىٰ يَخُوضُوا فِي حَدِيثٍ غَيْرِهِ ۚ وَإِمَّا يُنْسِيَنَّكَ الشَّيْطَانُ فَلَا تَقْعُدْ بَعْدَ الذِّكْرَىٰ مَعَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز توغرىسىدا (تەنە ۋە مەسخىرە قىلىپ) پاراڭ سېلىشىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگىنىڭدە، ئۇلار بۇنىڭدىن باشقا پاراڭغا چۈشمىگۈچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماسلىقنى شەيتان ساڭا ئۇنتۇلدۇرغان بولسا، ئېسىڭگە كەلگەندىن كېيىن، زالىم قەۋم بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! ھەر قاچان مۇشرىكلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ھەققىدە مەسخىرىلىك پاراڭلارنى قىلىۋاتقانلقىنى كۆرسەڭ، تاكى ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى مەسخىرە قىلىشتىن خالىي تېمىغا يۆتكەلمىگىچە ئۇلاردىن يىراق تۇرغىن. مۇبادا شەيتان سېنى بىخۇت قىلىپ، ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ بىر ھازادىن كېيىن ئېسىڭنى يىغقىنىڭدا، ئۇلارنىڭ سورۇنىدىن دەرھال ئايرىلغىن ھەمدە بۇنداق ھەددىدىن ئاشقۇچىلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولمىغىن.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ