سۈرە 6 · پارە 7

سورة الأنعام · 6:65

قُلْ هُوَ الْقَادِرُ عَلَىٰ أَنْ يَبْعَثَ عَلَيْكُمْ عَذَابًا مِنْ فَوْقِكُمْ أَوْ مِنْ تَحْتِ أَرْجُلِكُمْ أَوْ يَلْبِسَكُمْ شِيَعًا وَيُذِيقَ بَعْضَكُمْ بَأْسَ بَعْضٍ ۗ انْظُرْ كَيْفَ نُصَرِّفُ الْآيَاتِ لَعَلَّهُمْ يَفْقَهُونَ

(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «اﷲ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن (نۇھ ۋە لۇت ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قەۋمىگە، ئەسھابۇلپىلگە ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ياكى ئايىغىڭلار ئاستىدىن (پىرئەۋن ۋە قارۇنلارغا ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ئازاب ئەۋەتىشكە، ياكى سىلەرنى پىرقىلەر قىلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ (يەنى ئۇرۇشقا سېلىپ) بېرىڭلارغا بېرىڭلارنىڭ ئازابىنى تېتىتىشقا قادىردۇر» ئۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ، ئايەتلىرىمىزنى تۈرلۈك شەكىللەردە قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن

تەپسىر

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھ تائالا ئۈستۈڭلاردىن تاش، چاقماق ۋە تۇپانغا ئوخشاش بالالارنى ئەۋەتىشكە ياكى يەر تەۋرەش ۋە يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشقا ئوخشاش ئاستىڭلاردىن بالالارنى ئەۋەتىشكە قادىردۇر. ئاللاھ تائالا دىللىرىڭلارنى خىلمۇ-خىل قىلىپ قويىدۇ، ئاندىن ئاراڭلاردىن ھەركىم ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلىدۇ - دە، بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنى سەن ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادلىرىنىڭ تامامەن ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەنسۇن دەپ ئۇلارغا قانچىلىك كۆپ ھەم روشەن دەلىل-پاكىتلارنى كەلتۈرگەنلىكىمىزنى ئويلىنىپ باققىن.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ