سۈرە 6 · پارە 7
سورة الأنعام · 6:63
قُلْ مَنْ يُنَجِّيكُمْ مِنْ ظُلُمَاتِ الْبَرِّ وَالْبَحْرِ تَدْعُونَهُ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً لَئِنْ أَنْجَانَا مِنْ هَٰذِهِ لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ
(ئى مۇھەممەد! بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرى (يەنى بالايى - ئاپەتلىرى) دىن سىلەرنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟ (بۇ قاراڭغۇلۇقلارنى كۆرگەن چېغىڭلاردا) ئەگەر اﷲ بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزسا چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز، دەپ اﷲ قا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىلتىجا قىلىسىلەر»
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدىكى قىيىن پەيتلەردە يولۇققان خەتەرلەردىن قۇتۇلدۇرۇپ، خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرگەن كىم؟ (سىلەر مۇشۇنداق قىيىن پەيتلەردە) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالەتتە ئىنتايىن كەمتەرلىك ۋە بىچارىلىك بىلەن: ئەي رەببىمىز! ئەگەر بىزنى مۇشۇ خەتەردىن قۇتۇلدۇرساڭ، ئەلۋەتتە بىز بەرگەن نېئمەتلىرىڭگە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، سەندىن باشقىغا چوقۇنمايمىز، دەپ يالغۇز ئاللاھقىلا يېلىنىپ، يالۋۇرىسىلەر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ