سۈرە 6 · پارە 7
سورة الأنعام · 6:6
أَلَمْ يَرَوْا كَمْ أَهْلَكْنَا مِنْ قَبْلِهِمْ مِنْ قَرْنٍ مَكَّنَّاهُمْ فِي الْأَرْضِ مَا لَمْ نُمَكِّنْ لَكُمْ وَأَرْسَلْنَا السَّمَاءَ عَلَيْهِمْ مِدْرَارًا وَجَعَلْنَا الْأَنْهَارَ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهِمْ فَأَهْلَكْنَاهُمْ بِذُنُوبِهِمْ وَأَنْشَأْنَا مِنْ بَعْدِهِمْ قَرْنًا آخَرِينَ
ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار كۆرمىدىمۇ؟ (يەنى ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمىدىمۇ؟) ئۇلارنى زېمىندا سىلەرنى يەرلەشتۈرمىگەن بىر شەكىلدە يەرلەشتۈرگەن ئىدۇق، ئۇلارغا مول يامغۇرلار ياغدۇرۇپ بەرگەن ئىدۇق، ئۆستەڭلارنى ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان قىلغان ئىدۇق، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق، ئۇلاردىن كېيىن باشقا خەلقنى پەيدا قىلدۇق
تەپسىر
بۇ كاپىرلار ئاللاھ تائالانىڭ زالىم ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلىدىغان قانۇنىيىتىنى بىلىپ يەتمىدىمۇ؟، ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن ئىلگىرى كۆپلىگەن ئۈممەتلەرگە بۇ كاپىرلارغا بەرمىگەن كۈچ-قۇۋۋەتلەرنى بېرىپ، يەر يۈزىدە ئۇزۇن مۇددەت تۇرغۇزغان، مول يامغۇلارنى ياغدۇرۇپ بەرگەن، تۇرالغۇلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەرنى ئاققۇزۇپ بەرگەن ئىدى. ئەمما ئۇلار ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغاندا، قىلغان ئاسىيلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى ۋە ئۇلاردىن كېيىن باشقا ئۈممەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ