سۈرە 6 · پارە 7

سورة الأنعام · 6:53

وَكَذَٰلِكَ فَتَنَّا بَعْضَهُمْ بِبَعْضٍ لِيَقُولُوا أَهَٰؤُلَاءِ مَنَّ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مِنْ بَيْنِنَا ۗ أَلَيْسَ اللَّهُ بِأَعْلَمَ بِالشَّاكِرِينَ

ئۇلارنىڭ: «اﷲ ئارىمىزدىن (ھىدايەت قىلىش بىلەن) ئىنئام قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟» دېيىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر - بىرى بىلەن مۇشۇنداق سىنىدۇق (يەنى پېقىر، ئاجىز كىشىلەرنى ئىمان ئېيتقۇزۇش بىلەن، باي، چوڭ كىشىلەرنى سىنىدۇق). اﷲ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ (يەنى شۈكۈر قىلغۇچىلارنى اﷲ ھىدايەت قىلىدۇ)

تەپسىر

ئەنە شۇنىڭدەك ئۇلارنى بىر-بىرى ئارقىلىق سىناپ، بۇ دۇنيانىڭ نېسىۋىلىرىدە ئۆز-ئارا پەرقلىق قىلدۇق. ئۇلارنى بۇنداق سىناققا مۇپتىلا قىلىشىمىز باي كاپىرلارنىڭ كەمبەغەل مۇئمىنلەرگە: ئاللاھ ئارىمىزدىن توغرا يولنى ئىلتىپات قىلغانلار مۇشۇ يالاڭتۆشلەرمۇ؟ ئەگەر ئىمان ئېيتىش ياخشى ئىش بولسىدى، ئۇلار ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىپ كېتەلمەيتتى، بىز ئالدىنئالا ئىمان ئېيتقان بولاتتۇق، دېيىشلىرى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلغۇچىلارنى ئەڭ ياخشى بىلىپ، مۇشۇنداق كىشىلەرنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟! نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلغۇچىلارنىمۇ ھەممىدىن ياخشى بىلگەچكە، بۇنداقلار بىلەن كارى بولمىغانلىقتىن ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ ئەمەسمۇ؟! ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇلارنى ھەممىدىن ياخشى بىلىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ