سۈرە 6 · پارە 7

سورة الأنعام · 6:46

قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ أَخَذَ اللَّهُ سَمْعَكُمْ وَأَبْصَارَكُمْ وَخَتَمَ عَلَىٰ قُلُوبِكُمْ مَنْ إِلَٰهٌ غَيْرُ اللَّهِ يَأْتِيكُمْ بِهِ ۗ انْظُرْ كَيْفَ نُصَرِّفُ الْآيَاتِ ثُمَّ هُمْ يَصْدِفُونَ

(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر اﷲ سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلارنى گاس، كۆزۈڭلارنى كور قىلىپ قويسا، دىللىرىڭلارنى پېچەتلىۋەتسە (يەنى سىلەرنى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمەيدىغان قىلىپ قويسا)، ئۇلارنى اﷲ تىن باشقا يەنە قايسى ئىلاھ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ؟» قارىغىنكى، بىز (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلغانمىز، ئەمما ئۇلار (شۇ ئايەتلەردىن) يۈز ئۆرۈيدۇ (يەنى ئىمان ئېيتمايدۇ)

تەپسىر

ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، قېنى دەپ بېقىڭلارچۇ؟! ئەگەر ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىڭلارنى تارتىۋېلىپ پاڭ قىلىپ قويسا، كۆرۈش ئىقتىدارىڭلارنى يوق قىلىۋېتىپ كور قىلىپ قويسا، قەلبىڭلارنى مۆھۈرلىۋېتىپ ھېچنەرسە چۈشىنەلمەيدىغان قىلىپ قويسا، سىلەر يوقاتقان بۇ نەرسىلەرنى راستىنلا قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيدىغان بىرەر مەبۇد بارمۇ؟ ئەي پەيغەمبەر! بىزنىڭ ئۇلارغا دەلىل-پاكىتلارنى قانداق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىمىز، دەلىل-پاكىتلارنى خىلمۇ-خىل قىلغانلىقىمىز، ئاندىن ئۇلارنىڭ يەنىلا بۇ دەلىل-پاكىتلاردىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ باققىن.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ