سۈرە 6 · پارە 7

سورة الأنعام · 6:44

فَلَمَّا نَسُوا مَا ذُكِّرُوا بِهِ فَتَحْنَا عَلَيْهِمْ أَبْوَابَ كُلِّ شَيْءٍ حَتَّىٰ إِذَا فَرِحُوا بِمَا أُوتُوا أَخَذْنَاهُمْ بَغْتَةً فَإِذَا هُمْ مُبْلِسُونَ

ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، ئۇلارغا (سىناش ئۈچۈن) پاراۋانلىقنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇلار تاكى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېمەتلەردىن خۇشال - خۇرام تۇرغاندا (ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق)، ئۇلار ھەسرەتتە قالدى

تەپسىر

ئۇلار كەمبەغەلچىلىك ۋە كېسەللىكتىن ئىبارەت سىناقلار بىلەن ئۆزلىرىگە قىلىنغان پەند-نەسىھەتلەرگە پەرۋا قىلماي، ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرمىگەن چاغدا بىز ئۇلارغا رىزىقنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىۋېتىش ۋە كەمبەغەللىكتىن كېيىن باي قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى تۇيدۇرماي جازالاش ئۇسۇلىنى قوللاندۇق، كېسەللىكتىن كېيىن ئۇلارنىڭ تەنلىرىگە شىپالىق بەردۇق. نىھايەت ئۇلار كۆرەڭلەپ، بەھرىمەن قىلىنغان نېئمەتلەر بىلەن ئۆزلىرىگە تەمەننا قىلغانلىرىدا ئۇلارغا ئازابىمىز ئۇشتۇمتۇت كەلدى - دە، ئۇلار نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، ئارزۇ-ئارمانلىرىدىن ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ