سۈرە 6 · پارە 7

سورة الأنعام · 6:4

وَمَا تَأْتِيهِمْ مِنْ آيَةٍ مِنْ آيَاتِ رَبِّهِمْ إِلَّا كَانُوا عَنْهَا مُعْرِضِينَ

ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسىلا ئۇنىڭدىن باش تارتىدۇ

تەپسىر

مۇشرىكلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن قانداق بىر دەلىل-پاكىت كەلسىلا ئۇلار ئۇنى پەرۋاسىزلىق بىلەن چۆرۈۋېتىدۇ. بولمىسا ئۇلارغا ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان روشەن مۆجىزىلەر ۋە ئوپئوچۇق دەلىل-پاكتلار ھەمدە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ راستلىقىغىمۇ ئايەتلەر كەلگەن ئىدى. شۇنداق تۇرۇپمۇ ئۇلار بۇ مۆجىزىلەر ۋە دەلىل-پاكىتلاردىن پەرۋاسىزلارچە يۈز ئۆرۈيدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ