سۈرە 6 · پارە 7

سورة الأنعام · 6:30

وَلَوْ تَرَىٰ إِذْ وُقِفُوا عَلَىٰ رَبِّهِمْ ۚ قَالَ أَلَيْسَ هَٰذَا بِالْحَقِّ ۚ قَالُوا بَلَىٰ وَرَبِّنَا ۚ قَالَ فَذُوقُوا الْعَذَابَ بِمَا كُنْتُمْ تَكْفُرُونَ

ئەگەر ئۇلارنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا توختىتىلغان چاغدا كۆرسەڭ (غايەت چوڭ ئىشنى كۆرۈسەن). اﷲ ئۇلارغا: «بۇ (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) راست ئەمەسمىكەن؟» دەيدۇ. ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز بىلەن قەسەمكى، راست ئىكەن» دەيدۇ. اﷲ: «كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ

تەپسىر

ئەي پەيغەمبەر! ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئالدىدا تۇرغۇزۇلغان چاغدىكى ھالىنى كۆرسەڭ ئىدىڭ، ئۇلارنىڭ بىچارىلىكىدىن ھەيران قالارلىق بىر مەنزىرىنى كۆرگەن بولاتتىڭ. بۇ چاغدا ئاللاھ تائالا ئۇلارغا: سىلەر ئىنكار قىلىپ كەلگەن ئۆلگەندىن كېيىنكى قايتا تىرىلىش شەك-شۈبھىسىز يۈز بېرىدىغان ھەقىقەت ئەمەسمىكەن؟ دەيدۇ. ئۇلار: بىزنى ياراتقان پەرۋەردىگارىمىز بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، ئەلۋەتتە بۇ يۈز بېرىشى شەكسىز ھەقىقەت ئىكەن، دەيدۇ. بۇ چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا: ئۇنداق بولسا مۇشۇ كۈنگە كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار. چۈنكى سىلەر ھاياتىي دۇنيادىكى ۋاقىتتا بۇنى ئىنكار قىلغان ئىدىڭلار، دەيدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ