سۈرە 6 · پارە 7

سورة الأنعام · 6:28

بَلْ بَدَا لَهُمْ مَا كَانُوا يُخْفُونَ مِنْ قَبْلُ ۖ وَلَوْ رُدُّوا لَعَادُوا لِمَا نُهُوا عَنْهُ وَإِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ

ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى يوشۇرغان ئىشلىرى (قەبىھ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن شۇنداق ئارزۇ قىلىشىدۇ) ئۇلارغا ئاشكارا بولدى، ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى ئەلۋەتتە يەنە قىلاتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئىمان ئېيتتۇق دېگەن ۋەدىسىدە) يالغانچىلاردۇر

تەپسىر

بۇ ئىش ئۇلارنىڭ «دۇنياغا قايتۇرۇلساق، ئىمان ئېيتىپ مۇئمىنلەردىن بولاتتۇق» دېگەنلىرىدەك بولمايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇلارنىڭ پۇت-قوللىرى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھلىق بەرگەندە، ئۇلارنىڭ «ئەزبىرايى خۇدا، بىز مۇشرىك ئەمەستۇق» دېگەن سۆزلىرى ئارقىلىق يوشۇرماقچى بولغانلىرى ئاشكارا بولىدۇ. مۇبادا ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە يەنىلا شۇ چەكلەنگەن كۇپرى ۋە شېرىككە قايتىدۇ. شەكسىزكى ئۇلار «دۇنياغا قايتۇرۇلۇپ قالساق ئىمان ئېيتاتتۇق» دېگەن ۋەدىسىدە يالغانچىلاردۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ