سۈرە 6 · پارە 7
سورة الأنعام · 6:2
هُوَ الَّذِي خَلَقَكُمْ مِنْ طِينٍ ثُمَّ قَضَىٰ أَجَلًا ۖ وَأَجَلٌ مُسَمًّى عِنْدَهُ ۖ ثُمَّ أَنْتُمْ تَمْتَرُونَ
اﷲ سىلەرنى (يەنى سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ئادەمنى) لايدىن ياراتتى، ئاندىن ئەجىلىڭلارنى بېكىتتى، (سىلەرنىڭ تىرىلىدىغان) ۋاقتىڭلار اﷲ نىڭ دەرگاھىدا مەلۇمدۇر، ئاندىن سىلەر - ئى كۇففارلار! (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) شەك كەلتۈرىسىلەر
تەپسىر
ئەي ئىنسانلار! سىلەرنى لايدىن ياراتقان ئاللاھ تائالا بارچە ئەيىب-نۇقسانلاردىن پاك زاتتۇركى، ئۇ ئاتاڭلار ئادەمنىمۇ شۇ لايدىن ياراتتى، ئاندىن سىلەرنىڭ ھاياتىي دۇنيادا تۇرىدىغان مۇددىتىڭلارنى بېكىتتى، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى سىلەرنى تىرىلگۈزۈش ئۈچۈن ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان يەنە بىر ۋاقىتنىمۇ بېكىتتى. مۇشۇ ئىشلاردىن كېيىن سىلەر يەنە ئاللاھ تائالانىڭ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنى قايتا تىرگۈزۈشكە قادىر ئىكەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارايسىلەر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ