سۈرە 6 · پارە 8

سورة الأنعام · 6:152

وَلَا تَقْرَبُوا مَالَ الْيَتِيمِ إِلَّا بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ حَتَّىٰ يَبْلُغَ أَشُدَّهُ ۖ وَأَوْفُوا الْكَيْلَ وَالْمِيزَانَ بِالْقِسْطِ ۖ لَا نُكَلِّفُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا ۖ وَإِذَا قُلْتُمْ فَاعْدِلُوا وَلَوْ كَانَ ذَا قُرْبَىٰ ۖ وَبِعَهْدِ اللَّهِ أَوْفُوا ۚ ذَٰلِكُمْ وَصَّاكُمْ بِهِ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ

يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر ئۇنىڭغا ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىڭلار، ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرا قىلىڭلار، ھېچقانداق ئادەمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايمىز. سۆز قىلغان (ھۆكۈم چىقارغان ياكى گۇۋاھلىق بەرگەن) چېغىڭلاردا ئادىل بولۇڭلار، (ھۆكۈم چىقىرىلغان ياكى گۇۋاھلىق بېرىلگەن ئادەم) تۇققىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ، اﷲ قا بېرىلگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، اﷲ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ»

تەپسىر

ئاللاھ سىلەرنىڭ -بالاغەت يېشىغا يېتىشتىن بۇرۇن دادىسىدىن ئايرىلغان- يېتىملەرنىڭ مېلىغا چېقىلىشىڭلارنى ھارام قىلدى. يېتىم تاكى بالاغەتكە يېتىپ، ئاق-قارىنى پەرق ئەتكۈدەك بولغانغا قەدەر ئۇنىڭ مېلىغا پايدىسى تېگىدىغان ۋە ئۇنى كۆپەيتىدىغان شەكىلدە ئىشلىتىش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ سىلەرگە ئۆلچەم ۋە تارازىلاردا كەم بېرىشنى ھارام قىلغان بولۇپ، ئەكسىچە سىلەر سودا-سېتىقتىكى ئېلىش-بېرىشلەردە ئادىل بولۇشۇڭلار كېرەك. بىز ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇمايمىز. كەم-زىيادە بوپقېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغان ئۆلچەپ-تارتىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەردە يۈز بېرىپ قالغان كەم-زىيادىلىكلەردە ئەيىبكە بۇيرۇلمايدۇ. ئاللاھ تائالا سىلەرگە خەۋەر ياكى گۇۋاھلىقلاردا ھېچبىر ئۇرۇق-تۇغقان ياكى دوست-يارەنگە يان باسماستىن توغرىدىن باشقىنى دېيىشىڭلارنى ھارام قىلدى، ئاللاھ يەنە ئەگەر ئاللاھقا بىرەر ۋەدە بەرگەن بولساڭلار ياكى ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ۋەدىلەشكەن بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئەھدىسىنى بۇزۇشۇڭلارنىمۇ ھارام قىلدى، ئەكسىچە بۇنىڭغا ۋاپا قىلىشىڭلار كېرەك. ئاللاھ سىلەرنى يۇقىرىدا كەسكىن رەۋىشتە بۇيرۇغان بۇ ئىشلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئاقىۋىتىڭلارنى ئېسىڭلارغا سېلىش ئۈچۈندۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ