سۈرە 6 · پارە 8
سورة الأنعام · 6:147
فَإِنْ كَذَّبُوكَ فَقُلْ رَبُّكُمْ ذُو رَحْمَةٍ وَاسِعَةٍ وَلَا يُرَدُّ بَأْسُهُ عَنِ الْقَوْمِ الْمُجْرِمِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) سېنى ئىنكار قىلسا، سەن: «پەرۋەردىگارىڭلار (قىلمىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ئالدىراپ جازالىمىغانلىقتىن) كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر، (اﷲ نىڭ رەھمىتىگە مەغرۇر بولماڭلاركى) اﷲ نىڭ ئازابى گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ» دېگىن
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلار سېنى ئىنكار قىلىپ، سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ يېنىدىن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمىگەن بولسا، ئۇلارنى قىزىقتۇرۇپ ئېيتقىنكى: پەرۋەردىگارىڭلار ھەقىقەتەن چەكسىز مەرھەمەت ئىگىسىدۇر. ئۇنىڭ سىلەرگە مۆھلەت بېرىپ، ئازابلاشقا ئالدىراپ كەتمەسلىكىمۇ ئۇنىڭ سىلەرگە بولغان مېھىر-شەپقىتىدىندۇر. يەنە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقىنكى: ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئازابى گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى قىلىۋېرىدىغان كىشىلەردىن قايتۇرۇلمايدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ