سۈرە 6 · پارە 8
سورة الأنعام · 6:142
وَمِنَ الْأَنْعَامِ حَمُولَةً وَفَرْشًا ۚ كُلُوا مِمَّا رَزَقَكُمُ اللَّهُ وَلَا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ ۚ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُبِينٌ
اﷲ چاھارپايلارنى (يەنى تۆگە، كالا، قويلارنى)، يۈك كۆتۈرىدىغانلارنى، بوغۇزلىنىدىغانلارنى ياراتتى. اﷲ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرمەڭلار، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوچۇق دۈشمەندۇر
تەپسىر
ئاللاھ تائالا چوڭ تۆگىلەرگە ئوخشاش يۈك ئارتىشقا بولىدىغان، بوتىلاق ۋە قويلارغا ئوخشاش يۈك ئارتىشقا يارىمايدىغان چاھارپايلارنى سىلەر ئۈچۈن يارىتىپ بەردى. ئەي ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە ھالال رىزىق قىلىپ بەرگەن بۇ نەرسىلەردىن يەڭلار، مۇشرىكلارغا ئوخشاش ئاللاھ ھارام قىلغاننى ھالال قىلىش، ھالال قىلغاننى ھارام قىلىش ئارقىلىق شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. ئەي ئىنسانلار! شەكسىزكى شەيتان سىلەرگە ئوپئوچۇق دۈشمەندۇركى، ئۇ سىلەرنىڭ مۇشۇ ئارقىلىق ئاللاھقا ئاسىي بولۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ