سۈرە 6 · پارە 8
سورة الأنعام · 6:136
وَجَعَلُوا لِلَّهِ مِمَّا ذَرَأَ مِنَ الْحَرْثِ وَالْأَنْعَامِ نَصِيبًا فَقَالُوا هَٰذَا لِلَّهِ بِزَعْمِهِمْ وَهَٰذَا لِشُرَكَائِنَا ۖ فَمَا كَانَ لِشُرَكَائِهِمْ فَلَا يَصِلُ إِلَى اللَّهِ ۖ وَمَا كَانَ لِلَّهِ فَهُوَ يَصِلُ إِلَىٰ شُرَكَائِهِمْ ۗ سَاءَ مَا يَحْكُمُونَ
مۇشرىكلار اﷲ ياراتقان ئېكىنلەردىن ۋە چاھار پايلاردىن (يەنى تۆگە، كالا، قويلاردىن) اﷲ ئۈچۈن بىر ھەسسە (بۇتلىرى ئۈچۈن بىر ھەسسە) ئايرىپ قويۇپ، ئۆز گۇمانلىرىچە (ھېچقانداق دەلىلسىزلا): «بۇ اﷲ ئۈچۈندۇر، بۇ مەبۇدلىرىمىز ئۈچۈندۇر» دېدى. بۇتلىرىنىڭ نېسىۋېسىدىن اﷲ نىڭكىگە قوشۇشقا بولمايتتى، اﷲ نىڭ نېسىۋېسىدىن بۇتلىرىنىڭكىگە قوشۇشقا بولاتتى (مۇشرىكلار اﷲ قا ئاتىغان ھەسسىسىدىن بۇتلارغا ئاتىغان ھەسسىسىگە بىرەر نەرسە قوشۇلۇپ قالسا، ئۇنى بۇتلىرىنىڭ ھەسسىسى ئىچىدە قالدۇراتتى ۋە اﷲ باي، بۇنىڭغا موھتاج ئەمەس، دەيتتى. بۇتلىرىغا ئاتىغان ھەسسىسىدىن اﷲ قا ئاتىغان ھەسسىسىگە بىرەر نەرسە قوشۇلۇپ قالسا، ئۇنى بۇتلىرىنىڭ ھەسسىسىگە قايتۇرۇۋېتەتتى). ئۇلارنىڭ قارارى نېمىدېگەن قەبىھ!
تەپسىر
مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن ئىبارەت زىرائەتلەر ۋە چاھارپايلاردىن مەلۇم بىر ئۈلۈشىنى ئاللاھقا ئايرىپ قويىدىغان يوق ئىشنى پەيدا قىلىشتى. ئۇلار ئۆزلىرىچە: بۇ ئاللاھنىڭ، ئاۋۇ بۇت-ھەيكەللىرىمىزنىڭ نېسىۋىسى، دېيىشتى. ئۇلار شېرىكلىرىگە ئايرىغان قىسمى كەمبەغەللەر ۋە مىسكىنلەرگە ئوخشاش ئاللاھ سەرپ قىلىشقا بۇيرۇغان ئورۇنلارغا كېتىپ قالسا بولمايدۇ، ئەمما ئاللاھقا ئايرىغان قىسمىنى ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىغا بېرىشكە بولىدۇكى، شۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھۆكمى ۋە تەقسىماتى نېمىدېگەن يامان - ھە!
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ