سۈرە 59 · پارە 28
سورة الحشر · 59:21
لَوْ أَنْزَلْنَا هَٰذَا الْقُرْآنَ عَلَىٰ جَبَلٍ لَرَأَيْتَهُ خَاشِعًا مُتَصَدِّعًا مِنْ خَشْيَةِ اللَّهِ ۚ وَتِلْكَ الْأَمْثَالُ نَضْرِبُهَا لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ
ئەگەر بىز قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلساق، چوقۇم سەن ئۇنىڭ اﷲ تىن قورققانلىقتىن باش ئەگكەنلىكىنى، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ، بىز بۇ مىساللارنى كىشىلەرگە ئۇلار (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى) پىكىر قىلسۇن دەپ بايان قىلىمىز
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! ناۋادا بىز بۇ قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلغان بولساق، ئەلۋەتتە ئۇ تاغ شۇنچىۋالا مۇستەھكەم تۇرۇپمۇ قۇرئاندىكى تەسىرلىك ۋەز - نەسىھەتلەر ۋە قاتتىق تەھدىتلەر سەۋەبىدىن ئاللاھتىن تولىمۇ قورققانلىقتىن يېرىلىپ پارە - پارە بوپكەتكەن بولاتتى. بىزنىڭ ئىنسانلارغا بۇ مىساللارنى بايان قىلىشىمىز ئۇلارنىڭ ئەقىللىرىنى ئىشلىتىپ، قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەز - نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈندۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ