سۈرە 59 · پارە 28

سورة الحشر · 59:2

هُوَ الَّذِي أَخْرَجَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ مِنْ دِيَارِهِمْ لِأَوَّلِ الْحَشْرِ ۚ مَا ظَنَنْتُمْ أَنْ يَخْرُجُوا ۖ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ مَانِعَتُهُمْ حُصُونُهُمْ مِنَ اللَّهِ فَأَتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ حَيْثُ لَمْ يَحْتَسِبُوا ۖ وَقَذَفَ فِي قُلُوبِهِمُ الرُّعْبَ ۚ يُخْرِبُونَ بُيُوتَهُمْ بِأَيْدِيهِمْ وَأَيْدِي الْمُؤْمِنِينَ فَاعْتَبِرُوا يَا أُولِي الْأَبْصَارِ

اﷲ ئەھلى كىتابتىن بولغان كاپىرلارنى (يەنى بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنى) تۇنجى قېتىملىق سۈرگۈندە ئۆيلىرىدىن ھەيدەپ چىقاردى، سىلەر ئۇلارنى (كۈچلۈك تۇرۇپ مۇنداق خار ھالدا) چىقىپ كېتىدۇ دەپ گۇمان قىلمىغان ئىدىڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورغانلىرىنى ئۆزلىرىنى اﷲ نىڭ (ئازابىدىن) توسىيالايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى، ئۇلارغا اﷲ نىڭ ئازابى ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن كەلدى. اﷲ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى، ئۇلار ئۆيلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ قوللىرى ۋە مۆمىنلەرنىڭ قوللىرى بىلەن بۇزدى، ئى ئەقىل ئىگىلىرى! (ئۇلارنىڭ ھالىدىن) ئىبرەت ئېلىڭلار

تەپسىر

ئۇ زات ئاللاھقا كاپىر بولغان ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغان بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنى مەدىنىدىكى تۇرالغۇلىرىدىن تۇنجى قېتىملىق سۈرگۈندە مەدىنىدىن شامغا ھەيدەپ چىقىرىۋەتتى. ئۇلار تەۋرات ئەھلى بولغان يەھۇدىيلاردىن بولۇپ، مۇسۇلمانلار بىلەن تۈزۈشكەن كېلىشىمنى بۇزۇپ، مۇشرىكلار بىلەن بىر سەپتە تۇرغاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى شام دىيارىغا سۈرگۈن قىلدى. ئەي مۇئمىنلەر! ئۇلارنى كۈچ - قۇۋۋەتتە بۇنداق ئۈستۈنلۈككە ئىگە تۇرۇپ ئۆز دىيارىدىن چىقىپ كېتەر، دەپ ئويلىمىغان بولغىيدىڭلار. ئۇلارمۇ ئۆزلىرى پۇختا سالغان قورغانلىرىنى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ جازاسىدىن ۋە ئازابىدىن ساقلاپ قالالايدۇ، دەپ خام خىيال قىلىشقان ئىدى. ئەمما ئاللاھ ئۆز پەيغەمبىرىنى ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قوزغاش ۋە ئۇلارنى دىيارلىرىدىن سۈرگۈن قىلىشقا بۇيرۇغان چاغدا ئاللاھنىڭ جازاسى ئۇلارغا كېلىشىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان جايدىن كەلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قاتتىق قورقۇنچ تاشلىدىكى، ئەينى چاغدا ئۇلار مۇسۇلمانلارنى پايدىلىنالمىسۇن دەپ ئۆيلىرىنى ئىچى تەرەپتىن ئۆز قوللىرى بىلەن بۇزاتتى، مۇسۇلمانلار سىرتتىن بۇزاتتى. ئەي ئەقىل ئىگىلىرى! ئۇلارنىڭ كۇپرىسى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈندىن ئىبرەت ئېلىپ، ئۇلارغا ئوخشاش بولماڭلار. بولمىسا ئۇلارغا بېرىلگەن جازا ۋە ئۇلار دۇچار بولغان ئازاب سىلەرنىڭ بېشىڭلارغىمۇ كېلىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ