سۈرە 59 · پارە 28

سورة الحشر · 59:16

كَمَثَلِ الشَّيْطَانِ إِذْ قَالَ لِلْإِنْسَانِ اكْفُرْ فَلَمَّا كَفَرَ قَالَ إِنِّي بَرِيءٌ مِنْكَ إِنِّي أَخَافُ اللَّهَ رَبَّ الْعَالَمِينَ

ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار يەھۇدىيلارنى ئۇرۇشقا قىزىقتۇرۇشقا) شەيتانغا ئوخشايدۇ، ئۆز ۋاقتىدا شەيتان ئىنسانغا: «كاپىر بولغىن» دېدى. ئىنسان كاپىر بولغان چاغدا، شەيتان: «مەن سەندىن ئادا - جۇدامەن، مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ تىن قورقىمەن» دېدى

تەپسىر

يەھۇدىيلارنىڭ مۇناپىقلارغا قۇلاق سېلىشى ئىنسانغا كۇپۇرلۇقنى پەردازلاپ كۆرسەتكەن چاغدىكى شەيتاننىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. شەيتاننىڭ كۇپۇرلۇقنى پەردازلاپ كۆرسىتىشى بىلەن ئىنسان كاپىر بولغان چاغدا شەيتان ئۇنىڭغا: سەن كاپىر بولغانلىقىڭ ئۈچۈن مەن ھەقىقەتەن سەندىن ئادا - جۇدامەن. شەكسىزكى مەن پۈتكۈل مەخلۇقاتنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن قورقىمەن، دېدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ