سۈرە 59 · پارە 28
سورة الحشر · 59:14
لَا يُقَاتِلُونَكُمْ جَمِيعًا إِلَّا فِي قُرًى مُحَصَّنَةٍ أَوْ مِنْ وَرَاءِ جُدُرٍ ۚ بَأْسُهُمْ بَيْنَهُمْ شَدِيدٌ ۚ تَحْسَبُهُمْ جَمِيعًا وَقُلُوبُهُمْ شَتَّىٰ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَا يَعْقِلُونَ
ئۇلار پەقەت مۇستەھكەم شەھەر ئىچىدە ياكى تاملارنىڭ ئارقىسىدا تۇرغاندىلا، ئاندىن سىلەرگە قارشى بىرلىشىپ ئۇرۇش قىلالايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشى ئۆز ئىچىدە قاتتىقتۇر، ئۇلارنى ئۆم دەپ ئويلايسەن، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ دىللىرى تارقاقتۇر، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر
تەپسىر
ئى مۇئمىنلەر! يەھۇدىيلار پەقەت مۇستەھكەم قورغانلىرىدا ياكى تاملارنىڭ ئارقىسىدا تۇرغاندىلا سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلالايدۇ. ئۇلار قورقۇنچاق بولغاچقا سىلەر بىلەن روبىرو تۇرۇپ جەڭ قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆز ئىچىدە كۈچلۈك ئۆچ - ئاداۋەت بار. دەماللىققا ئۇلارنى ئۆزئارا ئۆملۈكتە، ئېجىل - ئىناق دەپ ئويلايسەن. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ قەلبلىرى باشقا - باشقىدۇر. بۇ ئىختىلاپ ۋە قارشىلىقنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئەقىل ئىشلەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتكەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ھەقىقەتنى تونۇپ ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ۋە ئىختىلاپلاشمىغان بولاتتى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ