سۈرە 59 · پارە 28

سورة الحشر · 59:11

۞ أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ نَافَقُوا يَقُولُونَ لِإِخْوَانِهِمُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ لَئِنْ أُخْرِجْتُمْ لَنَخْرُجَنَّ مَعَكُمْ وَلَا نُطِيعُ فِيكُمْ أَحَدًا أَبَدًا وَإِنْ قُوتِلْتُمْ لَنَنْصُرَنَّكُمْ وَاللَّهُ يَشْهَدُ إِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ

مۇناپىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى) ئىنكار قىلغان ئەھلى كىتاب بۇرادەرلىرىگە: «يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋېتىلسەڭلار، بىز چوقۇم سىلەر بىلەن بىرگە چىقىپ كېتىمىز، ھەرگىز سىلەرنىڭ زىيىنىڭلار ھېسابىغا باشقا ئادەمگە ئىتائەت قىلمايمىز، سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلسا چوقۇم سىلەرگە ياردەم بېرىمىز» دېيىشكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ اﷲ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر

تەپسىر

ئەي پەيغەمبەر! قەلبىدە كۇپۇرلۇقنى يوشۇرۇپ، ئىماننى ئاشكارىلىغان مۇناپىقلارنىڭ بۇرمىلانغان تەۋراتنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان يەھۇدىيلاردىن كۇپۇرلۇقتىكى قېرىنداشلىرىغا: ئۆز يۇرتۇڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار، بىز سىلەرنى تاشلىۋەتمەيمىز ھەم ياردەمسىز قويمايمىز. ئەگەر مۇسۇلمانلار سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋەتسە، سىلەرگە ھەمنەپەس بولۇش ئۈچۈن ئەلۋەتتە بىزمۇ چىقىپ كېتىمىز. بىزنى سىلەر بىلەن بىرگە چىقىپ كېتىشتىن توسماقچى بولغان ھەر كىمگە بويسۇنمايمىز. ئەگەر ئۇلار سىلەرگە قارشى ئۇرۇش ئاچسا، ئەلۋەتتە بىز ئۇلارغا قارشى سىلەرگە ياردەم بېرىمىز. ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار يەھۇدىيلار قوغلاپ چىقىرىلغاندا ئۆزلىرىنىڭمۇ بىللە چىقىپ كېتىدىغانلىقى ۋە ئۇرۇش ئېچىلسا ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت دەۋاسىدا چوقۇم يالغانچىدۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ