سۈرە 58 · پارە 28

سورة المجادلة · 58:2

الَّذِينَ يُظَاهِرُونَ مِنْكُمْ مِنْ نِسَائِهِمْ مَا هُنَّ أُمَّهَاتِهِمْ ۖ إِنْ أُمَّهَاتُهُمْ إِلَّا اللَّائِي وَلَدْنَهُمْ ۚ وَإِنَّهُمْ لَيَقُولُونَ مُنْكَرًا مِنَ الْقَوْلِ وَزُورًا ۚ وَإِنَّ اللَّهَ لَعَفُوٌّ غَفُورٌ

سىلەردىن ئاياللىرىنى زىھار قىلغانلارنىڭ (يەنى ئاياللىرىنى ئانىلىرىمىزنىڭ ئۇچىلىرىغا ئوخشاش دېگۈچىلەرنىڭ) ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرى ئەمەستۇر، پەقەت ئۇلارنى تۇغقان ئاياللارلا ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى زىھار قىلغۇچىلار) ئەلۋەتتە يامان سۆزنى، يالغان سۆزنى قىلىدۇ، اﷲ، شەك - شۈبھىسىزكى، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر

تەپسىر

ئۆز ئاياللىرىغا: سەن ماڭا نىسبەتەن ئانامغا ئوخشاش دېيىش ئارقىلىق ئاياللىرىنى زىھار قىلغانلار بۇ سۆزىدە يالغانچىلاردۇر. چۈنكى ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرى ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئانىلىرى پەقەت ئۇلارنى تۇغقان ئاياللاردۇر. ئۇلار بۇ گەپنى دېگەن چاغدا ھەقىقەتەن قەبىھ ھەم يالغان گەپنى دەيدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ ئەلۋەتتە ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. شۇڭا ئاللاھ ئۇلارنى بۇ قىلمىشلىرىنىڭ گۇناھىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كەپپارەت بېرىشنى يولغا قويدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ