سۈرە 57 · پارە 27

سورة الحديد · 57:4

هُوَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ ۚ يَعْلَمُ مَا يَلِجُ فِي الْأَرْضِ وَمَا يَخْرُجُ مِنْهَا وَمَا يَنْزِلُ مِنَ السَّمَاءِ وَمَا يَعْرُجُ فِيهَا ۖ وَهُوَ مَعَكُمْ أَيْنَ مَا كُنْتُمْ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ

اﷲ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى، (ئاندىن ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى، اﷲ زېمىنغا كىرىپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى، زېمىندىن چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر قەيەردە بولساڭلار، اﷲ سىلەر بىلەن بىرگە، اﷲ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

تەپسىر

ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتقان بولۇپ، بۇ يارىتىش يەكشەنبە كۈنى باشلىنىپ، جۈمە كۈنى ئاخىرلاشقان. ئاللاھ مۇشۇ مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاندىنمۇ قىسقىراق ۋاقىت ئىچىدە يارىتىشقىمۇ ئەلۋەتتە قادىردۇر. ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئەرش ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئالدى. ئۇ يەرنىڭ قاتلاملىرىغا كىرىپ كېتىۋاتقان يامغۇر، ئۇرۇق ۋە باشقا نەرسىلەرنىمۇ، ئۇنىڭدىن چىقىۋاتقان ئۆسۈملۈكلەر، كان بايلىقلىرى ۋە ئۇلاردىن باشقا نەرسىلەرنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئاسماندىن چۈشۈۋاتقان يامغۇر، ۋەھىي ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنىمۇ، ئاسمانغا ئۆرلەۋاتقان پەرىشتىلەر، بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى ۋە جانلىرىنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئەي ئىنسانلار! سىلەر قەيەردە بولۇڭلار، ئاللاھ ئۆز ئىلمى ئارقىلىق ھامان سىلەر بىلەن بىللىدۇر. ئۇنىڭغا سىلەردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ۋە سىلەرگە چوقۇم شۇ ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ