سۈرە 57 · پارە 27

سورة الحديد · 57:21

سَابِقُوا إِلَىٰ مَغْفِرَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ وَجَنَّةٍ عَرْضُهَا كَعَرْضِ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ أُعِدَّتْ لِلَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ ۚ ذَٰلِكَ فَضْلُ اللَّهِ يُؤْتِيهِ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ ذُو الْفَضْلِ الْعَظِيمِ

پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىنى، كەڭلىكى ئاسمان - زېمىندەك كېلىدىغان جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈڭلار، (ئۇ) جەننەت اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقانلارغا تەييارلانغان، بۇ اﷲ نىڭ پەزلىدۇر، (اﷲ) ئۇنى خالىغان ئادەمگە ئاتا قىلىدۇ، اﷲ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر

تەپسىر

ئەي ئىنسانلار! تەۋبە قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزۈڭلارنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ياخشى ئەمەللەرگە بەسلىشىڭلاركى، شۇ ئارقىلىق گۇناھلىرىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە مۇۋەپپەق بولىسىلەر، كەڭلىكى ئاسمان - زېمىننىڭ كەڭلىكىچىك كېلىدىغان جەننەتكە ئېرىشىسىلەر. بۇ جەننەتنى ئاللاھ ئۆزىگە ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرگە تەييارلىغان بولۇپ، بۇ مۇكاپات ئاللاھ بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىگە ئاتا قىلىدىغان ئىلتىپاتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇئمىن بەندىلىرىگە كاتتا مەرھەمەت ئىگىسىدۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ