سۈرە 57 · پارە 27

سورة الحديد · 57:16

۞ أَلَمْ يَأْنِ لِلَّذِينَ آمَنُوا أَنْ تَخْشَعَ قُلُوبُهُمْ لِذِكْرِ اللَّهِ وَمَا نَزَلَ مِنَ الْحَقِّ وَلَا يَكُونُوا كَالَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلُ فَطَالَ عَلَيْهِمُ الْأَمَدُ فَقَسَتْ قُلُوبُهُمْ ۖ وَكَثِيرٌ مِنْهُمْ فَاسِقُونَ

مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى اﷲ نىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقىت يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دەك بولمىسۇن، (ئۇلار بىلەن پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى) زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى اﷲ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر

تەپسىر

ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرنىڭ قەلبلىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە ئاللاھ نازىل قۇلغان قۇرئاندىكى ۋەدە ۋە تەھدىتلەرگە ئىرىيدىغان ۋاقىت كەلمىدىمۇ؟ قەلبلەرنىڭ قاتتىقلىقىدا تەۋرات بېرىلگەن يەھۇدىيلاردەك ۋە ئىنجىل بېرىلگەن ناسارالاردەك بولماڭلار. چۈنكى ئۇلارغا ئارىدا پەيغەمبەر ئەۋەتىلمىگەن ۋاقىت بەك ئۇزۇن بوپكېتىپ، شۇ سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ قەلبلىرى قېتىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ، گۇناھ - مەئسىيەتكە پاتقان ئىدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ