سۈرە 57 · پارە 27

سورة الحديد · 57:13

يَوْمَ يَقُولُ الْمُنَافِقُونَ وَالْمُنَافِقَاتُ لِلَّذِينَ آمَنُوا انْظُرُونَا نَقْتَبِسْ مِنْ نُورِكُمْ قِيلَ ارْجِعُوا وَرَاءَكُمْ فَالْتَمِسُوا نُورًا فَضُرِبَ بَيْنَهُمْ بِسُورٍ لَهُ بَابٌ بَاطِنُهُ فِيهِ الرَّحْمَةُ وَظَاهِرُهُ مِنْ قِبَلِهِ الْعَذَابُ

ئۇ كۈندە مۇناپىق ئەرلەر، مۇناپىق ئاياللار مۆمىنلەرگە: «بىزنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلاردىن ئازراق ئالايلى» دەيدۇ. ئۇلارغا (مەسخىرە يۈزىسىدىن): «ئارقاڭلارغا قايتىپ نۇر تىلەڭلار» دېيىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر سېپىل سوقۇلىدۇ، سېپىلنىڭ دەرۋازىسى بولىدۇ، دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىدە رەھمەت، تېشىدا ئازاب بولىدۇ

تەپسىر

ئۇ كۈندە مۇناپىق ئەرلەر ۋە مۇناپىق ئاياللار ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرگە: بىزنى كۈتۈپ تۇرساڭلار. بىز سىلەرنىڭ نۇرۇڭلاردىن ئازراق ئېلىۋالساق، بىزنىڭ سىرات كۆۋرۈڭىدىن ئۆتۈشىمىزگە ياردىمى بوپقالار ئىدى، دەيدۇ. مۇناپىقلارغا مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن: كەينىڭلارغا قايتىپ، (يولۇڭلارنى) يورۇتىدىغان نۇر ئىزدەپ بېقىڭلار، دېيىلىدۇ. ئارقىدىنلا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر سېپىل سوقۇلىدۇ. ئۇ سېپىلنىڭ بىر ئىشىكى بار بولۇپ، ئىشىكنىڭ ئىچىدە مۇئمىنلەرگە قىلىنىدىغان رەھمەت، سىرتىدا بولسا مۇناپىقلارغا قىلىنىدىغان ئازاب بار.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ