سۈرە 57 · پارە 27

سورة الحديد · 57:10

وَمَا لَكُمْ أَلَّا تُنْفِقُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلِلَّهِ مِيرَاثُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ لَا يَسْتَوِي مِنْكُمْ مَنْ أَنْفَقَ مِنْ قَبْلِ الْفَتْحِ وَقَاتَلَ ۚ أُولَٰئِكَ أَعْظَمُ دَرَجَةً مِنَ الَّذِينَ أَنْفَقُوا مِنْ بَعْدُ وَقَاتَلُوا ۚ وَكُلًّا وَعَدَ اللَّهُ الْحُسْنَىٰ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ

نېمىشقا سىلەر اﷲ نىڭ يولىدا (پۇل - مال) سەرپ قىلمايسىلەر، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مىراسى اﷲ قا خاستۇر، سىلەردىن مەككە پەتھى قىلىنىشتىن ئىلگىرى پۇل - مال سەرپ قىلغانلار ۋە (رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن) ئۇرۇشقانلار (مەككە پەتھى قىلنغاندىن كېيىن پۇل - مال) نەپىقە قىلغانلار ۋە ئۇرۇشقانلار (بىر - بىرى بىلەن) باراۋەر ئەمەس، ئەنە شۇلارنىڭ دەرىجىسى (مەككە پەتھى قىلىنغاندىن) كېيىن نەپىقە قىلىنغان ۋە ئۇرۇشقانلارنىڭ (دەرىجىسىدىن) چوڭدۇر، (ئۇلارنىڭ) ھەر بىرىگە اﷲ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. اﷲ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر

تەپسىر

سىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىشىڭلارغا نېمە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ؟ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئەي مۇئمىنلەر! ئاراڭلاردىن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ مەككە پەتھى بولۇشتىن بۇرۇن ئاللاھ يولىدا مېلىنى سەرپ قىلىپ، ئىسلامنىڭ نۇسرەت قازىنىشى ئۈچۈن كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلغانلار بىلەن مەككىنىڭ پەتھىسىدىن كېيىن ماللىرىنى سەرپ قىلىپ، كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلغانلار باراۋەر بولمايدۇ. مەككە پەتھىسىدىن بۇرۇن ماللىرىنى سەرپ قىلغان ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى دەرىجە ۋە مەرتىۋىسى مەككە پەتھىسىدىن كېيىن ئاللاھ يولىدا مال سەرپ قىلىپ، كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلغانلاردىن كاتتا ھەم ئۈستۈنراقتۇر. شۇنداقتىمۇ ئاللاھ ھەر ئىككىلىسىگە جەننەتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ۋە سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ