سۈرە 54 · پارە 27

سورة القمر · 54:3

وَكَذَّبُوا وَاتَّبَعُوا أَهْوَاءَهُمْ ۚ وَكُلُّ أَمْرٍ مُسْتَقِرٌّ

ئۇلار (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى) ئىنكار قىلدى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، (ياخشىلىقتىن يا يامانلىقتىن بولسۇن) ھەر ئىش (شۇ ئىشنىڭ ئەھلىنى جەننەتكە يا دوزاخقا) ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر

تەپسىر

ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلدى ۋە ئىنكار قىلىشتا ئۆزلىرىنىڭ نەپسى - خاھىشلىرىغا ئەگەشتى. قىيامەت كۈنى ياخشى - يامان ھەممە ئىش ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ئورنىنى تاپىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ