سۈرە 53 · پارە 27

سورة النجم · 53:32

الَّذِينَ يَجْتَنِبُونَ كَبَائِرَ الْإِثْمِ وَالْفَوَاحِشَ إِلَّا اللَّمَمَ ۚ إِنَّ رَبَّكَ وَاسِعُ الْمَغْفِرَةِ ۚ هُوَ أَعْلَمُ بِكُمْ إِذْ أَنْشَأَكُمْ مِنَ الْأَرْضِ وَإِذْ أَنْتُمْ أَجِنَّةٌ فِي بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ ۖ فَلَا تُزَكُّوا أَنْفُسَكُمْ ۖ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنِ اتَّقَىٰ

ئۇلار چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن يىراق بولىدۇ. كىچىك گۇناھلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەغپىرىتى كەڭدۇر، اﷲ سىلەرنى زېمىندىن ياراتقان چاغدىكى (ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ، ئاناڭلارنىڭ قورساقلىرىدىكى بالا) ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ ئوبدان بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار، اﷲ تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ

تەپسىر

مۇئمىنلەر چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ قىلمىشلاردىن يىراق تۇرىدۇ. لېكىن كىچىك گۇناھلار چوڭ گۇناھلارنى تەرك ئېتىش ۋە ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق مەغپىرەت قىلىنىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ مەغپىرىتى چەكسىز زات بولۇپ، بەندىلىرى تەۋبە قىلغان ھامان گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئاتاڭلار ئادەمنى تۇپراقتىن ياراتقاندىن تارتىپ، سىلەر ئانىلىرىڭلارنىڭ قورسىقىدا ھامىلدار بولۇپ، باسقۇچمۇ-باسقۇچ يارىتىلىشىڭلارغىچىلىك پۈتۈن جەرياندىكى ئەھۋالىڭلارنى ۋە بارلىق ھالىتىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئاشۇ ئىشلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. شۇڭا ئۆزۈڭلارنى تەقۋادارلىق بىلەن ماختىماڭلار. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ